维语网站(كىرا)

قاتناش – تىرانسپورت مىنىستىرلىقى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى بىرلىشىپ ھۆججەت چىقىرىپ، كىرا ئاپتوموبىللىرى شوپۇرلىرىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى21- مارت قاتناش – تىرانسپورت مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، قاتناش- تىرانسپورت مىنىستىرلىقى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى يېقىندا بىرلىشىپ ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، كىرا ئاپتوموبىللىرى شوپۇرلىرى ۋە توردا چاقىرىدىغان ماشىنا شوپۇرلىرىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى.ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: كىرا ئاپتوموبىل مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشنى ئىلتىماس قىلغان شوپۇرلار مۇلازىمەت قىلىدىغان جايدىكى تاكسى مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرىغا ئالاقىدار ئىسپات ياكى ۋەدە بېرىش ماتېرىيالى تاپشۇرىدۇ. جايلارىكى كىرا ئاپتوموبىللىرىنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى تەڭ دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنى گۇۋاھنامىسى بار تاكسى شوپۇرلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ھەر پەسىلدە كىنىشكىسى بار شوپۇرلارنىڭ ئارقا كۆرۈنۈش ئۇچۇرلىرىنىڭ ئۆزگەرتىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، قاتناش ۋەقەسى تۇغدۇرۇش جىنايىتى، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى خاتىرىسى، زەھەر چېكىش خاتىرىسى، ھاراق ئىچكەندىن كېيىن ئاپتوموبىل ھەيدەش خاتىرىسى، زوراۋانلىق جىنايەت خاتىرىسى، يېقىندا ئۇدا ئۈچ نومۇر خاتىرىلەش مۇددىتى ئىچىدە 12 نومۇرى خاتىرىلەنگەن خاتىرىسى قاتارلىق ئەھۋاللار بار شوپۇرلار تەكشۈرۈپ بايقالغان ھامان، ۋاقتىدا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى كىرا ئاپتوموبىللىرىنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرىغا قايتۇرىدۇ، كىرا ئاپتوموبىللىرىنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى مۇناسىۋەتلىك شوپۇرلارنىڭ كەسىپكارلىق سالاھىيەت كىنىشكىسىنى بىكار قىلىدۇ ھەمدە ئېلان چىقىرىپ ئىناۋەتسىز قىلىدۇ. ئالاقىدار قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىش، جاۋابكارلىق ھادىسە ئۇچۇرلىرى كارخانا ۋە شوپۇرلارنىڭ يىللىق مۇلازىمەت سۈپىتىنى باھالاش ئارخىپىغا كىرگۈزۈلىدۇ.ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش شەرتى ئاستىدا، كىرا ماشىنا شوپۇرلىرىنىڭ ئالاقىدار ئۇچۇر سىستېمىسى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ نوپۇس ئۇچۇرى، ئاپتوموبىل شوپۇرلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش خاتىرىسىدىكى ئۇچۇرلار، زوراۋانلىق جىنايەت ئۇچۇرلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇچۇرلارنى توردا دەرھال تەكشۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىش داۋامىدا ۋە ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كەسىپكارلار قوشۇنىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، مۇلازىمەت سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش بىخەتەرلىكى ۋە قانۇنىي ھوقۇق- مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش لازىم.مەنبە : خەلق تورى تەھرىر: ئارزىگۈل ئابدۇغېنى维文来源:和田零距离维吾尔语平台与您同行亲爱的网友您好!感谢您的关注。如您“遭遇网络诈骗、识别网络谣言、举报违法线索、咨询公安业务”,可在后台随时与我们联系。我们现已开通5个公众执法账号:新浪微博:和田网警巡查执法腾讯微博:和田网警巡查执法今日头条:和田网警巡查执法百度贴吧:和田网警巡查执法微信公众账号:和田网警巡查执法你可通过关注以上公众账号,向我们进行举报咨询。也可将举报信息发送至邮箱:[email protected]进行举报。每天我们有专门值班网警在线巡查互联网有害信息,肃清网络环境。和田网警与您携手共建安全和谐的网络环境!

本文出自快速备案,转载时请注明出处及相应链接。

本文永久链接: https://kuaisubeian.cc/45726.html

kuaisubeian